مىغىزىم كۆپ تىللىق ئىكران سىنغا ئىلىش دىتالى

دەرىس ئىلىش جەريانىدا ماڭا ئىكران سىنغا ئىلىش دىتالى كۆپ ئىشلەپ قالىدۇ،شۇ ۋەجىدىن سۈنئىي ئەقلىي ئىدىراكتىن پايدىلىنىپ ئاددى بىر ئىكران سىنغا ئىلىش دىتالىنى ياساپ چىقتىم شۇنداقلا كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىسچە كۆپ تىللىق قىلىپ ياساپ چىقتىم،ئىقتىىدارى ئىنتايىن مۇكەممەل بولىشى ناتايىن بىراق ھازىر نۇرغۇن ئىكران سىنغا ئىلىش دىتاللىرى ھەقلىق بولغان شارائىتتا بۇ ھەقسىز ھەم كۆپ تىللىق بولغان ئىكران سىنغا ئىلىش يۇمشاق دىتالىغا تورداشلار ئىھتىياجلىق بولۇپ قالسا دەپ ئويلاپ ھەم بەھىرلەندىم،تورداشلارغا ياردىمى تىگىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

رەسىم[1]-مىغىزىم كۆپ تىللىق ئىكران سىنغا ئىلىش دىتالى-migizim

يۇقارقىسى كۆرۈنمە يۈزى

ئەمدىكى كۆرنۈش قاچىلاش جەريانىنىڭ باشلىنىشى،قاچىلاش جەريانى باشقا يۇمشاق دىتاللار بىلەن ئوخشايدۇ

رەسىم[2]-مىغىزىم كۆپ تىللىق ئىكران سىنغا ئىلىش دىتالى-migizim

قاچىلاش جەريانىدا بىرقىسىم مۇناسىۋەتلىك فورماتتىكى ھۆججەتلەرنىڭ دەسلەپكى سۈكۈتتىكى ئىچىلىش شەكىلىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ،ئەگەر بىخەتەرلىك يۇمشاق دىتاللىرى ئەسكەرتىش بەرسە مۇناسىپ ھوقۇقنى بەرسىڭىز بولىدۇ

رەسىم[3]-مىغىزىم كۆپ تىللىق ئىكران سىنغا ئىلىش دىتالى-migizim

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تىل تاللاش كۆزنىكىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ

رەسىم[4]-مىغىزىم كۆپ تىللىق ئىكران سىنغا ئىلىش دىتالى-migizim

سىز كۆرنۈشكە ئالغان فىلىم ھۆججەتلىرى ئادەتتە بىۋاستە ئۈستەل يۈزىگە ساقلىنىدۇ،ئەلۋەتتە بۇ كۆرنۈشتۈنمۇ كۆرەلەيسىز

رەسىم[5]-مىغىزىم كۆپ تىللىق ئىكران سىنغا ئىلىش دىتالى-migizim
مىغىزىم كۆپ تىللىق ئىكران سىن ئىلىش دىتالى
© نەشر ھوقۇقى بايانى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش10 ھەمبەھىرلەش